ئەزەربەيجاندىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئەرمىنىيىنى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
2009-03-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندىكى 10 سىياسىي پارتىيە، ئەرمىنىيە (ئەرمەنىستان)نىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىدىكى مۇستەملىكىسىگە خاتىمە بېرىشىنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئارىلىشىشىنى ئىلتىماس قىلدى.
ئىلتىماس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ ۋە فرانسىيە جۇمھۇر رەئىسى نىكولاس ساركوزىغا ئەۋەتىلدى.
ئىلتىماستا ئەرمىنىيە (ئەرمەنىستان) نىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ 20% نى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقى ۋە بۇ مۇستەملىكىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلىنغان قارارلار ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.
بۇ مۇستەملىكىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئەرمىنىيە (ئەرمەنىستان) گە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماستا، ياۋروپا ئەللىرى خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇزاكىرىلىرى ئەسناسىدا ئەمەلىيەتنى بورمىلىغانلىقى تەكىتلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئا.مۇھەممەد