ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئەرمەنلەرنىڭ دەۋاسى مۇزاكىرە قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىندى
2009-03-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا چىقىدىغان ”ھەپتىلىك خەۋەر“ ژۇرنىلى، تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، كېڭەش پالاتاسىدا ئەرمەنلەرنىڭ ئاتالمىش قەتلىئام دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
”ھەپتىلىك خەۋەر“ ژۇرنىلىدا گىرېندۋىللە باي فورتنىڭ ئىمزاسى بىلەن نەشىر قىلىنغان «قەتلىئام مۇنازىرلىرىغا قانداق خاتىمە بېرىلىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئانالىزدا، تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قاتقان مۇزلىرى ئېرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىشارەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلدى.
بۇ ھەقتە كېڭەش پالاتاسىغا يېڭى بىر قانۇن تەكلىپى سۇنىلىشىنى تەلەپ قىلغان مەزكۇر ئانالىزدا، «ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆرۈنىۋاتقان ياخشىلىنىش ئالامەتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستان خەلقىنىڭ مۇرەسسەلىشىشى تەرەپكە بېسىلغان تۇنجى قەدەمگە ئايلىنالايدىغانلىقىغا ئېتىبار بېرىشى لازىم» دېيىلدى.
باش مىنىستىر رەجەب تايىب ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان ”تارىخچىلار بىرلەشمە كومىتېتى“ قورۇش ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان مەزكۇر ئانالىزدا، تا ھازىرغىچە بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەرمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بىرى بۇ مەسىلىگە دائىر پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىشقا باشلىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئانالىزدا يەنە، «ئوردوغان بىر تەكشۈرۈشكە ماقۇل بولىدىكەن، ئەرمەنىستانمۇ ئوسمانلى ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ پۇخرالىرى تۇرۇپ رۇسلارغا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغان ئەرمەنلەرنىڭ تۈركلەر بىلەن كۈرتلەرنى قەتلىئام قىلغانلىقىغا دائىر تۈرك تارىخچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ماقۇل بولىشى لازىم» دېيىلدى.
ئەرمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستەكلىرىگە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارشى چېقىشىنى تەلەپ قىلغان ئانالىزدا، ئەرمەنلەرنىڭ ئاتالمىش دەۋالىرىغا دائىر ھەرقانداق بىر قارارنى ماقۇللاشنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى تەكىتلەندى.