«ئامستېردامدىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە گوللاندىيە ئايرودروم مەسئۇللىرىنىڭ خاتالىقى بار»
2009-03-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «ئامستېردامدىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە گوللاندىيە ئايرودروم مەسئۇللىرىنىڭ خاتالىقى بار» دېگەن قاراشلىرى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى.
گوللاندىيە خەۋپسىزلىك تەتقىقات كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مەسىلىنى تەكشۈرىۋاتقان تەپتىش خادىملىرىغا ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش مەلۇماتلىرىنى ۋە كابىنكىنىڭ سۆزلىشىش ئارگىناللىرى بېرىشنى رەت قىلدى.
گوللاندىيە ئاخباراتلىرى بۇ ئەھۋالنى ”ئىنتايىن سەتچىلىك“ دەپ باھالىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەدە ھايات قالغان گوللاندىيىلىكلەرنىڭ داۋا ئېچىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پۈتۈن يولۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان گوللاندىيىلىك ئادۋوكات، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، «تۆلەم دەۋاسىنى گوللاندىيە ئۈستىدىن ئېچىش كېرەكمۇ ياكى تۈركىيە ئۈستىدىنمۇ؟» دېگەن مەسىلىدە رەسمىي بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ جەرياندا ئايروپىلاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىردىن بىر تۈرك يولۇچى بۇلەنت ئىش گۆرەن تۈنۈگۈن ئىستانبولدا يەرلىكىگە قويۇلدى.