ئىسىرائىلىيىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ئىسىرائىلىيىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتى تۇيۇق يولغا كېرىپ قالدى.
لىكۇد پارتىيىسى رەھبىرى بېنيامىن نىتانياھۇ، قادىما پارتىيىسى باشلىقى تزپى لېۋنىي بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، نىتانياھۇنىڭ لېۋنىي بىلەن ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق مۇزاكىرىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن.
ئۇچرىشىشتا، نىتانياھۇنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت پروگراممىسىدىكى «ئىككى مىللەت ئۈچۈن ئىككى دۆلەت» تىن ئىبارەت ھەل قىلىش چارىسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىلىشىشىغا سەۋەپ بولغان.
مۆلچەرلىنىشىچە، نىتانياھۇنىڭ بۇندىن كېيىن، پەلەستىن زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىش پىكىرلىرىگە قارشى بولغان ئوڭچىل پارتىيىلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.