ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىراقتىكى ئۇرۇش ئارمىيىسىنى 2010 ـ يىلى 31 ـ ئاۋغوستقىچە چىكىندۇرىدىغان بولدى.
تەخمىنەن 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتا قېلىپ، ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەش، بىناكارلىق لايىھەلىرىنى تۈزۈش ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، 2011 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
2003 ـ ئىشغال قىلىنغان ئىراقتا ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 140 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.