كرىزىس ھەم مالىيەنى ھەم ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىنى تەڭ زەربىگە ئۇچراتماقتا
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: ئىقتىسادى كرىزىس پۈتۈن دۇنيادا، ھەم مالىيەنى ھەم ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىنى تەڭ زەربىگە ئۇچراتماقتا.
ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مالىيە شىركىتى ”Citigroup“ قا 25 مىليارد دوللار فوند ئاجرىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەسسىسىنى يۈزدە 36 پىرسەنتكە چىقاردى.
ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ بانكىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 32 مىليارد دوللار رىغبەتلەندۈرۈش ياردىمى ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياردەم پىلانلىرى ئارقىلىق شىركەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى 10 يىل مابەينىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.
ياپونىيىنىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش نىسبىتى يانۋار ئېيىدا يۈزدە 10 پىرسەنت ئارقىغا چېكىندى.
ئاسىيانىڭ يېقىندىن بىرى ئەڭ تىز تەرەققى قىلغان چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بىرى ھىندىستاندا بولسا، 2008 ـ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىساد يۈزدە 7 پۈتۈن 6 پىرسەنت كەينىگە چېكىندى.