فرانسىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى رەھبەر نامزاتلىرىنى بىر تۈرك ئالىمى تەربىيىلەيدۇ
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: فرانسىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر نامزاتلىرى بىر تۈرك ئالىمنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇلىدىكەن.
لىيون شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئېملىيون سودا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى 7 يىلدىن بىرى ئۆتەپ كېلىۋاتقان تۈرك پروفېسسور تۇغرۇل ئاتامېر فرانسىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى لىدىر، رەھبەر، باشقۇرغۇچى نامزاتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ھەسسە قۇشىدىغان بولدى.
فرانسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچىنچى كارخانىچىلىق مەكتىپى بولغان «ئېمليون سۇدا ئىنستىتۇتى» ”Financial Times“ ژۈرنىلىنىڭ باھالىشىچە، شۇ ساھەدە ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم 8 ـ دەرىجىلىك مەكتەپ بولغان.
بۇ مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان 6 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن 350 ياشنى تاللاپ قوبۇل قىلىدىكەن.
ئالدىنقى يىلى جەنۋەدە ۋە شاڭخەيدە شۆبىلىرى ئېچىلغان ئىنستىتۇتنىڭ كېلەر يىلى دۇبەيدىمۇ بىر شۆبىسى ئېچىلىدىغانلىقى پىلانلانماقتا