بېرنىك جونسون: 1915 – يىلدىكى ۋەقەلەر «جەمئىيەتلەر ئارا ئۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تېكساس شىتاتى دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئېددىئې بېرنىك جونسون، 1915 – يىلدىكى ۋەقەلەرنى «جەمئىيەتلەر ئارا ئۇرۇش» دەپ ئاتاپ، ئامېرىكىدىكى ئەرمەنى جەمئىيەتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
جونسون، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى 434 كەسپدىشىغا ئەۋەتكەن خېتىدە، ئەرمەنى لوبىسى تەرىپىدىن ئاۋام پالاتاسىغا بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان 1915 – يىلدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى لايىھىسىگە قارشى چىقتى.
جونسون، پارلامېنت ئەزالىرىدىن، ئەرمەنىلەرنىڭ دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ لايىھىدە، 1915 – يىلدىكى جەمئىيەتلەر ئارا ئۇرۇشتا مەيدانغا كەلگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى قىلمىشلار بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەرمەنىستان (ئەرمەنىيە) بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي كېلىشەلمەسلىك توغرىلىق پەقەت بىر تەرەپنىلا قوللايدىغان بۇ لايىھىدىكى دەۋالاردىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن. چۈنكى بۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.»
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئەرمەنىستانغا قىلغان زىيارىتى ھەققىدىمۇ توختالغان جونسون، ئەرمەنىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېدۋارد نالبانتياننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى: «تۈركىيە – ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.»
جونسوننىڭ پارلاامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن خېتى، ئەرمەنى جەمئىيەتلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەرمەنى مىللىي كومىتېتى ناملىق جەمئىيەت، ئامېرىكىلىق ئەرمەنىلەردىن، جونسوننىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ خېتىگە مۇناسىۋەتلىك كۆز – قاراشلىرى» نى چىرايلىقچە ئىزھار قىلىپ بېقىشنى ئۆتۈنۈشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر جەمئىيەت يەنە، جونسوننىڭ كۆز – قاراشلىرىنىڭ تارىخىي ۋەسىقىلەرگە كۆرە يالغان ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=5daad33b-d828-496d-ac63-b4e0dbbd0e16