تۈرك - ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈرك - ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى
تۈرك گېراژدانلىرى ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ۋىزىىسىز كىرىش ھوقۇقىغا ئىگىمۇ؟
تۈركىيە گىراژدانى بولغان ئۈچ نەپەر يۈك توشۇش ماشىنىسىنىڭ شوپورى 2001- يىلى تۈركلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياۋروپاغا كىرش ۋىزىسىنىڭ ئادالەتسىز ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ گېرمانىيىدە سوتقا ئەرز قىلغان ۋە قانۇن ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئورۇنۇپ كۆرگەن ئىدى. بېرلىن ئۆلكىلىك سوت مەھكىسمى مەزكۇر داۋانى تۆت يىل تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، 2005- يىلىغا كەلگەندە، بۇ داۋانىڭ گېرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر تەرەپ قىلسا تېخىمۇ مۇاپىق بولىدىغانلىقىغا بىردەك قارار بېرىپ، مەزكۇر داۋاغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ئەۋەتكەن.
ئەمدى دۆلەتلىك غازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھايدار چاقماقنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسىمۇ بېرلىن ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئوخشاش مەزكۇر داۋانى تۆت يىل تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى 2009-يىلى 19- فېۋرالدا مەزكۇر داۋا ھەققىدە قارار چىقاردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسى ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى قارار، تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتكە پايدىلىق يەنى ئىجابىي ئىدى. تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تولىمۇ ئۇيغۇن ھالدا چىقىرىلغان بۇ قارارنىڭ ئاساسىي، تۈركىيە- ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ۋە 1973- يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان `قۇشۇمچە كېلىشىمنامە` دۇر. ئۈچ نەپەر تۈرك `قوشۇمچە كېلىشمنامە` نىڭ - 41 ۋە 42 - ماددىسىنىڭ روھىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ماددىلار ئىچىدىكىى 41- سى ئومۇمىي ھەق – ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 42- سى بولسا قاتناش ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك 41- ماددىنىڭ 1 - بۆلۈمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:` كېلىشىمنامىگە قول قويغان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى ۋە ئىشلەش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇشقا بولمايدۇ` . بۇنىڭدا ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولمايىدىغان ھېچقانداق بىر مەزمۇن يوق. ياۋروپالىقلار ھەمىشە ئۆزىنى تەرققىي قىلمىغان ئەللەردىن ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە، دەپ جار سالىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پرىنسىپىنى ھەممىدىن ئەلا دەپ بىلىشىدۇر. بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ بەرگەن قارارىغا ھۆرمەت قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى، ياۋرپالىقلارنىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پرىنسىپىنى ھەممىدىن ئەلا، دېگەن پرىسنسىپقا سەمىمى ھالدا ئىشىنىش نۇقتىسىدىن بىر ئۆتكەل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارلار ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قارارلار شەرتسىز ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىدىن بارلىق تۈرك گىراژدانلىرى پايدىلىنالمايدۇ. پەقەت تۈرك سودا – سانائەتچىلىرى، ئاكادېمكلار، دوختۇر، تەنتەربىيىچى، ئادوۋكاتلاردىن باشقا يەنە ھەر قانداق بىر شەخس ئوقۇش ۋە داۋالىنىش مەقسىتىدە بولسا ئاندىن بۇ قاراردىن پايدىلىنالايدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەش ۋە ئىگىلىك يارىتىش مەقسىتىدىكى ساياھەتلەرگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما نورمال ساياھەت قىلىشنىڭ رەسمىيەتلىرى ئۇنچىۋىلا ئاسان بولمايدۇ.
تۈرك ھۆكۈمىتى، شىركەتلەر، مۇناسىۋەتلىك شەخس، ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلەر ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتمقى قاراردىن تولۇق پايدىلىشى كېرەك. چۈنكى ئىلگىرىكى يىللاردا كۆپ قېتىم ياۋرۇپالىقلار تۈركلەرنىڭ كېلىشىمنامىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولۇشىغا يول قويمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى، ئەنقەرە كېلىشىمنامسىدە بېكىتىلگەن تۈرك ئىشچىلىرىنىڭ ئەركىن كېزىپ يۈرۈش ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىمىغان ئىدى. بۇ قېتىم تۈرك ھۆكۈمتى ئۆز زېممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قەتئىي قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، تۈرك ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى قاراردىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشى كېرەك. خوشاللىنارلىقى شۇكى، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مەزكۇر داۋانىڭ تۈرك گېراژدانلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن تىگىشلىك ئىجرائاتلارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى كەڭ خەلق ئامىمىسىغا جاكارلىدى.