تالات ۋە خرىستوفياس قىبرىس مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: قىبرىس (سىپرۇس) مەسىلىسىگە ئەتراپلىق چارە تېپىش مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن قايتىدىن ئۇچراشتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارىتى ئاستىدىكى تەڭپۇڭ رايوندا بىر يەرگە جەم بولغان شىمالى قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مەھمەت ئەلىي تالات بىلەن رۇم رەھبىرى خرىستوفياس، تۆت يېرىم سائەت بويىچە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
شىمالىي قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مەھمەت ئەلىي تالات، ئۇچىرىشىشتىن كېيىن ئىگىدارچىلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ‹بىزنىڭ قارىشىمىزچە، مالنى قالدۇرغان كىشىنىڭ قارىشىمۇ سورىلىدۇ، لېكىن ئاخىرقى قارارنى چىقارغاندا ئۆز - ئارا چۈشىنىشەلەيدىغان ئۆلچەملەر ئاساس قىلىنىدۇ.›
جۇمھۇر رەئىسى تالاتقا خرىستوفياسنىڭ ‹كۆچمەنلەرنىڭ ماللىرى ھەققىدىكى پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكى› شەكلىدىكى بايانلىرىنى خاتىرلىتىلدى.
ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن تالات، تۈرك تەرىپىنىڭ، تاشلاپ كېتىلگەن مال - مۈلۈكلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قىممىتىنى قايتۇرۇش، تەمىنات بىرىش ياكى ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى بىلەن، شەرتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا بەلگۈلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش 5- مارتتا ئۆتكۈزىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئا.مۇھەممەد
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=3cb1b746-9edd-4bc7-bdd2-ea6d9cbe9dce