ئاچچىقلىنىش يۈرەكنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئاچچىقلىنىش يۈرەكنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى
ئاچچىقلىنىش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىشنى تېخىمۇ كۈچىيتىپ، ئادەمنى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بارىدىكەن.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى يالە ئۇنىۋېرستېتىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا تۈرلۈك شەكىلدىكى يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 62 بىمارغا، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنىڭ خەۋپلىك بىر سەۋىيىگە يەتكەندە ياكى يۈرەك سوقۇش رىتىمىنىڭ تەرتىپسىز ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىقىدىغان ۋە بۇنداق ئەھۋاللارغا مۇداخىلە قىلىدىغان دېفىبرىلياتور جاھازلىرى ئورنىتىلغان.
سىناق جەريانىدا بىمارلارغا ئالدىنقى قېتىمقى ئاچچىقلىنىشى ئەسلىتىلىپ « T-Wave » دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سىناق ئېلىپ بېرىلغان.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن دوكتۇر راچېل لامپېرت، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نىشانىنىڭ، ئاچچىقلىنىش ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ كېتىشنىڭ يۈرەكنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەجرىبىخانىدا ئاچچىقلىنىشنىڭ بىمارلارنىڭ يۈرىكىدىكى ئېلېكترونلۇق سىستېمىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقاپ چىقتۇق.»
تەتقىقاتچىلار بۇ بىمارلارنى سىناق قىلىپ ئۇدا 3 يىل كۈزەتكەن.
دوكتۇر راچېل لامپېرت، ئاچچىقلىنىش تۈپەيلى يۈرەك سوقۇش رىتىمى تەرتىپسىز لىك كېسىلىگە دۇچار بولغان بىمارلارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمسىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ 10 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ توساتتىنلا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
دوكتۇر راچېل لامپېرت، تەتقىقاتنىڭ يۈرىكى ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەس، دەل ئەكسىچە يۈرەك سوقۇش رىتىمى تەرتىپسىزلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاچچىقلىنىش ۋە جىددىيلىشىشنىڭ يۈرىكى داغلام كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، تۈرلۈك شەكىلدىكى يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلارغا قارىغاندا ناھايىتى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.»
دوكتۇر راچېل لامپېرت ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئاچچىقلىنىش كېسىللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ قانداق قىلغاندا ئۆپكىسىنى بېسىۋالالايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ھەر يىلى 400 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يۈرەك كېسللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئى. ئەمىن