ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسىدە 4 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن 1 پۇقرا ئۆلگەن
2009-02-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسىدە 4 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن 1 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسى، ئافغانىستانغا زاپاس ئەسكەر يۆتكەش پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ھۇجۇم ئىكەن.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 29 غا، 2001-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا 654 كە يەتكەن.
ھەربىي دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-فېۋرال بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن ئافغانىستان ئارمىيسىدىن تەشكىللەنگەن بىر ماشىنا ئەتىرتىگە مىللىتانلار تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇ ھۇجۇمدا 16 مىلىتان ئۆلتۈرۈلگەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=ce99b72d-8ceb-41a0-8a89-e61dfd7813be