باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى مىچېل، بۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدىكەن
2009-02-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جورج مىچېل، بۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جامېس جېففرىي، مىچېلنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارىتا سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئاۋانگارتلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى، ` بىز بۇ جەھەتتە تۈركىيىنى قوللاپ - قۇۋەتلەش بىلەن بىرگە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمىز`.
جېففرىي، ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن يېقىندىن زىچ ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە خەلق ئاممىسىغا قەستەن ھۇجۇم قىلغان ھەر قانداق گۇرۇپ ياكى تەشكىلاتنىڭ تېررورست ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقېتىۋېتىش توغرىلىق قارار چىقارغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانسىتاندىكى ئەسكىرى جەھەتتىكى نوپوزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە تۈركىيىنىڭ ترابزون ئۆلكىسىدە ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا مۇناسۋەتىلىك خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان جېفرىي، تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىش نىيىتى بارلىقىنى قەيت قىلدى.
جېغرىي، ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ دائىرىسىدە ھەمدە ئافغانسىتانغا ئەسكەر ئەۋەتىش مەقسىتىدە تۈركىيىدىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنامىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جورج مىچېل، ئوتتۇرا شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارەت كۈنتەرتىۋىدە، تۈركىيە، ئىسرائىلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ.
ئوتتۇرا شەرقتە، تىنچلىق بەرپا قىلىش يولىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى مىچېلنىڭ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىششىلاردا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a51a78cb-2354-49cb-9eb6-9ac0279760c4