مايور گىنرال ئامۇس گىلاد ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2009-02-24
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيىگە ۋاكالىتەن مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مايور گىنرال ئامۇس گىلاد بۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
گىلادنىڭ باش مىنىستىر ئولمەرتكە قارشى ئېغىر تەنقىدلەردە بولغانلىقى يۈزسىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ئاموس گىلاد، باش مىنىستىر ئولمېرتنىڭ مىسىر بىلەن ھاماسقا قارشى يولسىز پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلغان ئىكەن.
ۋەكىللىكى ئەمەلدىن قالدۈرۈلغان گىلاد، مۇداپىئە مىنىسترىلىكىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىكەن.
بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيە غەززەدىكى مۇغازى مەركىزىگە يېقىن جايدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتىمۇبىلغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ئاپتوموبىلدىكىلەردىن ئۆلگەن ياكى يارىدار بولغانلار كۆرۈلمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىلىرى داۋام قىلماقتا.
بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن لىكۇد پارتىيىسىنىڭ لىدىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن رەقىبى قادىمە پارتىيىسىنىڭ لىدىرى تىزىپى لىۋنى تۈنجى مۇزاكىرىدە بىرلىككە كېلەلمىدى.
ئىككى لىدەر يەنە قايتا مۇزاكىرلىشىشكە پۈتۈشتى.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ھاماسنىڭ يېڭى قۇرۇلىدىغان پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىچىدە يەر ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
ھاماس بىلەن ئەلفەتىھ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ چاشەنبە كۈنى مىسىردا باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=0619af92-d1dc-4ab4-8dfe-3f1b2d939acd