ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە ھەربىي مۇداپىئە يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مۇداپىئە يەرمەنكىسى IDEX-2009 ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئەبۇ زەبى، IDEX-2009 يەرمەنكىسىگە بۇ يىل 9- قېتىم ساھىپخانلىق قىلىدۇ.
تۈركىيىدىن بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە، 38 شىركەت ۋە كارخانا ئىشتىراك قىلىدۇ، سان جەھەتتىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىگە قارىغاندا ئازراق.
يەرمەنكىدە، مەلۇم بىر تۈرك شىركىتى ئەگەر توختامنامە ئىمزالىنىپ قالغان تەقدىرە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ 34 دانە ھۇجۇمچى كاتېر ئىشلەپ چىقىرىدىكەن.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە تۈركىيىگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى ۋەجدى گۆنۈل ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ، بىر كۈن بۇرۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شەيخ مۇھەممەت بىن زايىد بىلەن كۆرۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، كۆرۈششتە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت قوراللىق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئاپرىل ئېيىدا ھەمكارلىق قۇرۇلمىسى كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.
قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتانى ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكارم بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەبۇ زەبىگە قاراپ يولغا چىقتى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=32bc73f6-e6c3-41d5-a52d-2dca8f490955