ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش يولىدا ئىزدەنمەكتە
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش يولىدا ئىزدەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېس تەرىپىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن لىكۇد پارتيىسىنىڭ لىدېرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن قادىمە پارتىيسىنىڭ لىدىرى تزىپى لىۋنى، تۇنجى قېتىلىق ئۇچرىشىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان، بىراق ئىككى لىدەر بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بۇ مەسىلە ھەققىدە قايتىدىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىككى لىدەر، يېرىم كېچىدە قۇددۇستا بىر يەرگە جەم بولغان.
پارتىيىسىنىڭ ئۆكتىچى تەرپدارى بولۇشنى خالايدىغان لىۋنى، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە پەلەستىنلىكلەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىر بىرىگە تامامەن ئوخشىمغان پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قادىمە بىلەن ئىشچى پارتىيىسىنىڭ لىدەرلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرستىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، نېتانياھۇ، لىۋنىگە بىرلەشمە ھۆكۈمەت كابىنتىدا ` تولۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش` تەكلىپىنى بىرىدىكەن.
بۇ دائىرىدە، قادىمە پارتيىسىگە مۇداپىئە، دىپلوماتىيە ۋە مالىيە قاتارلىق دۆلەتتنىڭ غوللۇق مىنىستىرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.