تۆت نەپەر ئىراقلىقنى ئۆلتۈرگەن ئامېرىكىلىق ئەسكەر سوتلاندى
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى بىر ھەربىي سوت، 4 نەپەر ئىراقلىقنى ئۆلتۈرگەن بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەرنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئامېرىكىلىق ئەسكەر مىچېل لېئاھي جىنايەت سادىر قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۈيىقەست پىلانلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى.
سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئىككى يىل بۇرۇن بىر چارلاش ئەترىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىراقلىقلار، چارلاش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل – ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر خىلۋەت جايغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆلتۈرىۋېتىلگەن ئىكەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=703197c0-7d8d-48da-8c80-34af100ab897