ئابدۇللاھ گۈل ئافرىقىدىكى زىيارەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، «ئافرىقىنىڭ قىيىنچىلىقى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقىدۇر» دېدى ۋە تۈركىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەردائىم ئافرىقىنىڭ ساداسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇللاھ گۈل، ئافرىقا دۆلەتلىرى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان كېنىيىدىكى زىيارىتىنى تاماملىدى.
پايتەخت نايروبىدا باش مىنىستىر رائىلا ئودىنگايانى قوبۇل قىلغان جۇمھۇر رەئىسىمىز ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيە ۋە ئافرىقىنىڭ سودا ـ سانائەتچىلىرى قاتنىشىدىغان سودا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، ئالدىنقى يىلى كېنىيىدە سىياسىي كرىزىس يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھازىر مۇقىملىق ئورنىتىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ: «ئافرىقىنىڭ قىيىنچىلىقى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقىدۇر. بىر تەرەپتە ئىنسانلار شۇنچە قىيىنچىلىق تارتىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپكە پەرۋاسىز باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەخلاق ئەمەس. بارلىق دۆلەتلەر ئافرىقىغا ياردەم بېرىشى لازىم» دېدى.
تۈركىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋاقىتلىق ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن گۈل، «تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھەردائىم ئافرىقىنىڭ ساداسى بولىدۇ» دەپ سۆز قىلدى.
كېنىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئودىنگامۇ كېنىيىگە مەبلەغ سالىدىغان تۈركىيە سودا ـ سانائەتچىلىرىگە ۋىزا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
شۇ جەرياندا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ئىستانبولدىن نايروبىغا رەسمىي ھاۋا قاتنىشىنى باشلىدى.
ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدىغان ھاۋا يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان مىنىستىرلار قاتناشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، بۇ يېڭى ئېچىلغان ھاۋا قاتناش يولىنىڭ تۈركىيىنى ئافرىقىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ۋە ھەمراھلىرى كېنىيىدىكى زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككىنچى زىيارەت بېكىتى بولغان تانزانىيىگە يۈرۈپ كەتتى.
تانزانىيىنىڭ دارۇسسالام شەھىرىدە جۇمھۇر رەئىس جاكا كىكۋەتە تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنىدىغان گۈل، بۈگۈنكى پرگراممىسىدا تۈركىيىدە ئوقۇپ يېتىشكەن تانزانىيە پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە تۈركىيە ـ تانزانىيە سودا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=93b4af07-9095-4f7e-a8ff-3c6857f8bfcc