سېرب ھۆكۈمىتى، بوسنا ئىسلام جەمئىيىتىگە 42 مىليۇن دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
2009-02-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى:بوسنا – ھېرسېكلىك سېربلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى بانجا لۇجكا شەھرىدە، بوسنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەيران بولغان 16 جامە ئۈچۈن، سېرب ھۆكۈمىتى، بوسنا ئىسلام جەمئىيىتىگە 42 مىليۇن دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ.
بانجا لۇجكا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى، بوسنا ئىسلام جەمئىيىتى ئەرز سۇنۇپ، 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن، مەزكۇر دېلو ھىققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، سېرب ھۆكۈمىتىنى تۆلەم تۆلەشكە مەھكۇم قىلدى.
بوسنا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئادۋۇكاتى ئەسئەد خىرۋاجىچ، «مەزكۇر قارارنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى، «سېربلارنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشلىرىنى ۋە ئىلگىرىكى خاتالىرىنى تۈزىتىشلىرىنى كۈتمەكتىمىز.»
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=b1907b76-23dc-422b-a3d5-cbd00a577dc0