ئامېرىدىكى ئەرمەنى تەشكىلاتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىش تەلەپ قىلىندى
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى ردىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى داڭلىق ئەرمەنى تەشكىلاتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
ئامېرىكا مىللىي ئەرمەنى كومىتېتى ناملىق تەشكىلات، لوبىچىلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ ئەيىپلەنمەكتە.
ئامېرىكا مىللىي ئەرمەنى كومىتېتى ناملىق تەشكىلاتنىڭ، لوبىچىلىق مۇئەسسەسەسى سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇنللانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز بولۇشىغا قارىماي، ئەرمنەنىستاندىكى بىر سىياسىي پارتىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مەزكۇر تەشكىلات، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكەن يىلى ئالدى ئېلىنغان ئەرمەنى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھىنىڭ، ئامېرىكا مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدە، سىياسەتتىن خالىي ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەلۇم بىر جەمئىيەت تەرىپىدىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئاپپاراتلارغا ئەرز سۇنۇلدى.
ئەرزنامىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا مەجلىسىدە لوبىچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرماستىن لوبىچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن جىنانەت ھېساپلىنىدۇ.
http://www.trt.net.tr/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=96fd7e39-7fc4-4c67-a813-af25df8cd841