ئىسرائىلىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى گابى ئاكشەنازنىڭ ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىدىن تولىمۇ بىئارام ب
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى ردىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى گابى ئاكشەنازنىڭ ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىدىن تولىمۇ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق شىتابى خەۋەرلىشىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گېنېرال مەتىن گۈراك، ھەپتىلىك ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانىنىڭ 16 – فېۋرال دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى گېنېرال ئىلكەر باشبۇغقا تېلېفون قىلىپ، تۈرك قوراللىق قىسىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ بايانلىرىنىڭ شەخسى كۆزقاراشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۆزىنىڭمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سوغۇقچىلىقلاردىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇ مەسىلىگە قارىتا چارە قوللىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىسرائىلىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى ئاكشەنازنىڭ، تۈنۈگۈنمۇ يەنە رەسمىي يوسۇندا بىر پارچە خەت يېزىپ، تېلېفوندا ئېيتقانلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە چارە قوللىنىدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈۈرلدى.
ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى ئاۋى مىرزاھى، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ داۋوستا ئىسرائىلىيە جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېسكە قارىتا قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تۈركىيىنىڭ ئەرمەنىستان بىلەن قىبرىستا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=5a359a1b-eea3-49fa-a387-00a78dac9471