روبېرت سېررى: رايوندا يەنە توقۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسلىلىرىگە مەسئۇل خادىمى روبېرت سېررى، غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان تەقدىردە، رايوندا يەنە توقۇشنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەرگەن سېررى، ھاماس بىلەن ئىسرائلىيە ئىككى تەرەپلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالاشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئالدىغىلا ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئالغانلىقى تۈپەيلى، غەززەدە قانلىق توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سېررى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىنامىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرلۇشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئەسكىرى گىلاد شالىت بىلەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، غەززەگە قۇرال – ياراق يۆتكەپ كېلىنمەسلىكى، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا بىرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە غەززەگە چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تولۇق ئېچىۋېتىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=4338ce79-6054-41ea-a0eb-fe3fb9f7cd60