ش ئا ئە ت يىغىنى پولشانىڭ كراكوۋ شەھىردە ئۆتكۈزۈلدى
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 26 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، پولشانىڭ كراكوۋ شەھىردە بىر يەرگە جەم بولدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا، تۈركىيىگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەجدى گۆنۈل ئىشتىراك قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئافغانىستان ۋە كوسوۋادىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەشتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چارە - تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
يىغىندا ئاپرىل ئېيىنىڭ بېشىدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرىپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.
مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، ئاپرىل ئېيىدا چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق مەرتىۋىسىگە قايتىدىن ئەزا بولۇشى پىلانلانغان فرانسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى پولشادىكى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=d58c6f63-9406-4a74-bbff-8bfc3fcfb227