تاماكا ئىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تاماكا ئىسى ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر
ئەنگىلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسى، تاماكا ئىسىنىڭ ئاندا - ساندا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئالىملار، 50 ياش ئەتراپىدىكى ۋە 50 ياشتىن ئاشقان تاماكا چەكمەيدىغان ياكى تاماكىنى تاشلىۋەتكەن 5 مىڭ كىشى قاتناشقان تەتقىقاتتا تاماكا ئىسىنىڭ قورشاۋى ئاسىتدا قالغان چاغدا قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقىشقا تىرىشتى.
تەتقىقاتتا سىناق قىلىنغانلارنىڭ تۈكۈرۈكلىرىدە نىكوتىن ئېمىلىشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان «كورتانىن» ماددىسىنىڭ سەۋىيىسى ئېنىقلاپ چىقىلىپ، تەجرىبە قىلىنغانلارنىڭ ھېساپلاش، ئەستە تۇتۇش قاتارلىق چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان سىناقلار ئېلىپ بېرىلدى.
يۇقىرى كورتانىن» ماددىسىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن چۈشىنىش ئىقتىدارى يېتەرسىزلىك كېسەللىكى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان تەتقىقاتتا، بۇنداق ئەھۋالنىڭ دائىم تاماكا چەكمەيدىغان، بىراق ئاندا – ساندا تاماكا چېكىدىغانلاردىمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەنبە: http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=af2c4b3d-5ad4-4e64-ad5a-6c56d06dee5b
Labels: TRT, Türkiye Awazi Radiosi