خەلقئارالىق مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ”ميۇنخېن خەۋپسزلىك كېڭىشى“ مىيۇنخېندە ئۆتكۈزۈلدى
2009-02-14
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: خەلقئارالىق مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم كېڭەش، ”ميۇنخېن خەۋپسزلىك كېڭىشى“نىڭ 45 ـ نۆۋەتلىك يېغىنى 6 ـ يانۋاردىن 8 ـ يانۋارغىچە مىيۇنخېندە ئۆتكۈزۈلدى. تەخمىنەن 500 گە يېقىن سىياسەتچىلەر، دۆلەت ئەربابلىرى، ئىلىم ئەھلى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان يىغىندا، ياۋروپانىڭ كەلگۈسى، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە بۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ھالدا، بالقان ۋە كاۋكاز ئويمانلىقىدىكى مەسىلىلەر شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى موقىمسىزلىقلارنىڭ كونترول قىلىنىشى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئەلى باباجان تۈركىيىگە ۋەكىللىك قىلدى. باباجان كېڭەشتە 7 ـ يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ”كاۋكاز ۋە غەربى بالقان“ تېمىلىق مۇنبەر سۆھبىتى يېغىنىغا قاتناشتى. مۇنبەر يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيىنىڭ بالقانلار ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى، ئانالىزلىرىنى ۋە تەكلىپلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، باياشاتلىقى ئۈچۈن تۈركىيە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار ۋە قوشقان تۆھپىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. باباجان كېڭەش جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، ئامېرىكا خەلقئارا خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا بەلگىلەنگەن مەخسۇس ۋەكىلى، ئىران ئىسلام مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى، ئەنگلىيە، پاكىستان ۋە ئەرمىنىستانلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، خەلقئارا ئاتۇم ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىىستىرلىرىدىن ھېنرى كىسسىنگىر قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بىدەننىڭ كېڭەشتە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى رەھبەرلىكى ۋە كۆزلىگەن نىشانلىرىغا ئالاقىدار بەرگەن بىشارەتلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
بىدەن ئۆز نۇتىقىدا، يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغان خاراكتېردىكى سىياسەتلەرنى تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئورتاق بىخەتەرلىكنى بىرلىكتە قۇغداش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بىدەن يەنە، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بارلىقىنى، قاتتىق ئېھتىياجلىق بولمىغىچە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھەرىكەت ئېلىپ بولمايدىغانلىقىنى، ئىران بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
بىدەن، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن ياكى ھەرىكەتسىز قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان خىيىم ـ خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاخىرىقى تاللايدىغان يولى ”ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشىش“ ۋە ”دىپلوماتىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش“ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ نۇقتىدا ئوتتۇرا شەرق، ئىراق، ئافغانىستان ۋە پاكىستان ۋەزىيىتىگە ئىشارە قىلىپ ئۆتكەن بىدەن، ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن ھازىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىشىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەرەققى قىلدۈرۈلىشى لازىملىقىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتتى.
بىدەننىڭ نۇتىقىدا، ”ئورتاق بىخەتەرلىكنىڭ ئۆلچەم تېشى“ دەپ باھالانغان شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوغدۇلىنىشى، كۈچلەندۈرۈلىشى ۋە تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇلىشىغا دائىر تەكلىپلەر رەتكە تىزىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قىسمىغا فرانسىيىنىڭ قايتىپ كېلىشى قوللاپ قۇۋۋەتلەندى. تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە فىدراتسىيىسى بىلەن ئورنىتىشى كېرەكلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ دائىرىسى بەلگىلىنىپ، ئابھازيا ۋە جەنۇبى ئوسېتيانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئامېرىكىنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىقىغا دائىر مەسىلىسىدە، مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش، نوپۇس يۆتكەش ئۈچۈن يېڭى رايون ئېچىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسلارنى ھازىرچە قويۇپ قويۇپ، ئورتاق خەۋپنىڭ سىناقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن مۇمكىن بولغان يەرگىچە ھەمكارلىشىشتا ئوچۇق ـ يورۇق بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
بۇ قېتىمقى كېڭەش، ئۇيۇشتۇرۇلغان يېغىن ۋە سۆزلەنگەن نۇتۇقلارغا ئوخشاشلا ئۆزئارا ئايرىم ئۇچرىشىشلار جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى. كېڭەش جەريانىدا رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىۋانوۋ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بىدەن بىلەن كۆرۈشتى. ئىۋانوۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى باياناتىدا، مۇددىتى بۇ يىل توشىدىغان ”ئىستراتېگىيىلىك قۇرال ـ ياراق قىسقارتىش شەرتنامىسى“ تولغاندىن كېيىن قايتا تۈزۈپ چىقىشقا، ئەگەر ئامېرىكا ھازىر بولسىلا، دەرھال مۇزاكىرلىشىشنى باشلىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئىۋانوۋ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سەمىمىي دىئالوگنى قايتىدىن ئورنىتىشقا دائىر ئوچۇق ئىشارەتلەرنى قىلغانلىقىنى، موسكۋانىڭمۇ بۇ ئىشارەتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھەرقايسى جەھەتلەردە چۈشىنىشمەسلىكنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دائىر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش تونۇشقا كەلگەنلىكىنى، ھەمدە ئۆتمۈشتە كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ”ياخشى نىيەتلەر“نىڭمۇ نامايان بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم پەرقلىق تەجرىبىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بىدەن تەكىتلىگەن نۇرغۇن خۇسۇسلاردا، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا كېلىشىمى ۋە نىشان بىرلىكى بارلىقى نامايان بولدى. شۇنىڭ بىرلىكتە يەنە ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئەلى باباجان سۆزلىرىدە، ھەم مۇئاۋىن پرېزىدېنت بىدەننىڭ نۇتۇقلىرىدا كەڭ دائىرىلىك ۋە ئىنتايىن چۇڭقۇر ئورتاق ھەمكارلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىگە بۇ ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرىغا چىراق تۇتۇلغان بولدى.