ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھىلارىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغانلىقىنى تەستىقلىدى
2009-01-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
– يانۋار ، ھىلارى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا
شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 21 – يانۋار تېلېگراممىسى : ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 2 گە قارشى 94 ئاۋاز بىلەن ، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ھىلارىنى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكى توغرسىدىكى قارارىنى ماقۇللاپ ، ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى ھىلارىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغانلىقىنى تەستىقلىدى .
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قارىشىچە ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھىلارىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغانلىقىنى تېزلىكتە ئېتراپ قىلىشى ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ۋە ئاففانىستان ئۇرۇشى مەسلىسى ، پەلەستىن بىلەن ئىسراىلىيە توقۇنۇشى ھەمدە ئىران ۋە چاۋشيەن يادرو مەسلىلىرى قاتارلىق خەلقارا قىزىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كىرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن .
ئالدىنقى ھەپتە ، ھىلارى دۆلەت پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن : زۇڭتۇڭ ئوباما رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن پەلەستىن – ئىسراىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاققا سۇزۇلغان تىنچلىق كېلىشىمىنى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە يېڭى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئىران يادرو مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ
تەڭرىتاغ تورى