ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان غەززەدىن ئاخىرى پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق ئې
2009-01-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان غەززەدىن ئاخىرى پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان غەززەدىن ئاخىرى پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى.
ئىسرائىلىيە پەقەت گۇناھسىز ئاياللارنى، كىچىك بالا ۋە قۇچاقتىكى بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەززە شەھەرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى.
سۇ يوللىرى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىپ تاشلانغان غەززەدە 400 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ئىچىدىغان سۇ تاپالمايۋاتىدۇ.
تەخمىنەن بىر يېرىم مىليۇن نوپۇس ھايات كەچۈرىدىغان غەززە شەھىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ چاڭگىلىدا مۇجۇلماقتا.
غەززەدە ھېچ يەرنى سالامەت قالدۇرمىغان ئىسرائىلىيە بولسا، رايۇننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كى مونغا پەلەستىنلىكلەرنىڭ سۇ تۇرۇببىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېچىك روكىت بومبا پارچىلىرىنى كۆرسىتىپ، ئەسلىدە ئىسرائىلىيەگە ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.
نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن توققۇز نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە رايۇندىن قايتۇرۇپ كېلىندى.
ئىسرائىلىيە ھۆكىمىتى، چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنى غەززەدىن يېراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەۋەرلىرى TRT