ئىران، رۇسىيىدىن ھاۋا مۇداپئىيە سېستىمىسى سېتىۋالىدىكەن
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىران، يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە رۇسىيىدىن ھاۋا مۇداپئىيە سېستىمىسى سېتىۋالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەت نېججار S-300 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن توختامنامە ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يادرو ئېنېرگىيە پروگراممىسىغا ئىگە بولغانلىقىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچىراپ كەلگەن ئىران، يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ياكى ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋادىن قوزغايدىغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.
رۇسىيە كوممېرسانت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موسكوۋادا زىيارتتە بولىۋاتقان ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى، 800 مىليون دوللارلىق S-300 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختامنامە ئىمزالىغان.
ئىسرائىلىيە بۇ ئېلىم - سېتىمنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
رۇسىيە دائىرلىرى، ئىران بىلەن بولغان ئېلىم - سېتىمغا ئائىت خەۋەلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a5ded3b0-2cd8-489a-8e42-4d3305697463
Labels: TRT, Türkiye Awazi Radiosi