كوسوۋا، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى شاد خوراملىق كەيپىياتى ئىچىدە قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: كوسوۋا، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى شاد خوراملىق كەيپىياتى ئىچىدە قىزغىن تەبرىكلىمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، مىڭغا يېقىن ئالبانىيىلىك، كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ تۇنجى يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، تاڭ سەھەردىلا كوچىغا چىقىپ تەنتەنە قىلىشقان.
پايتەختنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا، ئامېرىكا ۋە ئالبانىيە بايراقلىرىنى كۆتىرىۋالغان چەكسىز شاد –خۇراملىققا چۆمگەن كەڭ خەلق ئاممىىسى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەشمەكتە.
كوسوۋا، 2008- يىلى 17 فېۋرالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
ھالبۇكى، سىربىيە (سىربىستان) بىلەن ئۇنىڭ ئىتىپاقدىشى رۇسىيە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
كوسوۋا، بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ئاساسىي قانۇن، ئارمىيە، دۆلەت مارشى ۋە ئاخبارات ئورگىنى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى.
ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە جەمئىي 18 ئەلچىخانا تەسىس قىلغان كوسوۋا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى پىلانلىماقتا.
سىبرىيە بىلەن رۇسىيە كوسوۋانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەزا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.
مەنبە: http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=9d599d48-ecb0-4201-b148-4c949168b87b
Labels: TRT, Türkiye Awazi Radiosi