تۈرك ئالىملىرى ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى بايقىدى
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈرك ئالىملىرى ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى بايقىدى.
ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بايقالغانلىقى چەتئەللەردىكى داڭلىق مىدىتسىنا ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى.
دۇنيا بويىچە، ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 60 مىليۇن بولۇپ، تۈركىيىدە 600 مىڭدەك كىشى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان.
تۈرك ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئۈزۈل – كېسىل داۋالىغىلى بولمايدىغان ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىگە مېڭىدىن ئادەتتىن تاشقىرى ئاجراپ چىققان «سپېرمىن» دەپ ئاتىلىدىغان خېمىيىلىك ماددا سەۋەپ بولىدىكەن.
بۇ كەشپىياتقا ئىمزا قويغان ئالىملار، گۈلخانە ھەربىي دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئوفىتسېر پروفېسسور تايفۇن ئۇزباي ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن ئىبارەت.
تەتقىقاتچىلار، ئامېرىكىدا يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئىشلىتىلگەن 3 تۈرلۈك ماددىنىڭ يېڭىچە دااۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالىملار، مىدىتسىنا دۇنياسىغا يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن ۋە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تەتقىقات دائىرىسىدە ئېلىشىپ قىلىش كېسەللىكىگە سەۋەپ بولغانلىقى ئېنىلاپ چىقىلغان ماددىنىڭ سىناق قىلغىلى بولۇپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭى بىر خىزمەتنى باشلىۋەتتى.
مەنبە:http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=f343e015- c037-4ad7-9609-37c26363b684