ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، يۇنانىستاننى(گىرىتسىيە) ئازسانلىقلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئايرىمچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئاگاھلاندۇرۇدى
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، يۇنانىستاننى(گىرىتسىيە) ئازسانلىقلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئايرىمچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئاگاھلاندۇرۇدى.
ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يۇنانىستانغا (گىرىتسىيە) مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، يۇنانىستاننى ئازسانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تىگىشىلىك بولغان تىرىشچانلىقنى كۆرستىشكە چاقىرىق قىلغان.
دوكلاتتا، مائارىپ ساھەسىدە بەزىبىر سىياسەتلەر ئىجر قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولىسمۇ، بىراق يۇنانىستاننىڭ غەربىي تراكيادىكى يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىدىن نارازى بولۇنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يۇنانىستان (گىرىتسىيە) سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاز سانلىقلارغا تەۋە ئىجتىمائىي تەشىكلاتلارنىڭ ئېتىراق قىلىنىماسلىقىغا دائىر قارارلىرى تەنقىد قىلىنغان دوكلاتتا، يۇنانىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاز سانلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇش ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىناۋەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن لايىھەلەرنى چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىنغان.
ئاز سانلىقلار بىلەن دائىما ئالاقىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر ھەمكارلىق مىخانىزمىسى قۇرۇلۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، ئازسانلىقلارنىڭ گىراژدانلىق ھەق – ھوقۇقىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىگە دائىر ئىجرائاتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تىزلەشتۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنى بەلىگىلىمە كېلىشىمنامىسى ۋە گراژدانلىققا دائىر ياۋروپا كېلىشىمى قاتارلىق كېلىشىمنامىلەرنىڭ تەستىقلىنىشىغا چاقىرىق قىلىنغان.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=d01b89fc-c04e-41b6-be5a-cdd7eeb1a02b