يېڭى ئامېرىكا ھاكىميىتىنىڭ، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ قۇۋەتلىشى ئىنتايىن مۇھىم
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: يېڭى ئامېرىكا ھاكىميىتىنىڭ، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى قوللاپ قۇۋەتلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوباما دەۋرىدە، تۈركىيىگە ئائىت يۈرگۈزىلىدىغان سىياسەت، تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ۋاشىنگىتون ئىنىستىتوتىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئامېرىك قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىرىدىن مارك پارىس، يىغىندا ئوباما ھاكىميىتىگە پىكىر تەلەپ بىرىش بىلەن بىرگە، تۈركىيىنىڭ دىموكراتىيە جەھەتتىن ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىنىشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتىلىدى ھەمدە بۇنىڭ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقغا ئەزا بولۇشىنى تىزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى،
ئىسرائىلىيە – سۈرىيە مۇناسىۋىتىگە دائىر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان جەرياندا، تۈركىيىنىڭ بولۇپمۇ تۈرك دىپلوماتلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە توھپە قوشقانلىقىنى تىلغا ئالغان پارىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ` شۇنى ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، بۇ ئىنسانلار بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، يەنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى، بىراق داۋوس ۋەقەسى، بۇنىڭ ئېتىبارىنى خېلىلا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىلىيىدە، تۈركىيىنىڭ بىتەرەپ ھالدا ھەرىكەت قىلغانلىقىغا قارىتا گۇمانى نەزەر بىلەن قاراشتەك بىر كەيپىيات ھۆكۈم سۈرمەكتە`.
تۈركىيە مۇتەخەسسىسى سونېر چاغاپتايمۇ، تۈركىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە تەكلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ. ك. ك غا قارشى ھەمكارلىقىنى داۋام قىلىدۇرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتىلىدى.
نىمىس مارشال فوندى جەمئىتىيى تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن لان لېسېر بولسا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=26feb54b-bcff-43a2-a562-23cb68bef946