ئالىيېۋ: قارا باغ مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك شارائىت بار
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسي ئىلھام ئالىيېۋ، ئەرمەنىستان (ئەرمىنىيە) بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى قارا باغ مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك شارائىتنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسي ئىلھام ئالىيېۋ، رۇسىيىنىڭ مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، ئەرمەنىستان بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ، موسكوۋادا ئىمزالانغان ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىلىگىرلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالىيېۋ، موسكوۋا ھۆججىتىدە، مەسىلىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا ھەل قىلىنىش شەرت، دەپ بىكىتىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەزكۇر ھۆججەتتىنىڭ روھى بويىچە ، قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئالىيېۋ، ئەرمەنىستان جۇمھۇر رەئىسىي سېرج ساركىسياننىڭ قاراباغ مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا رىياللىقا ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مەنبە: http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=0bd48efd-e0f0-43ac-b377-631c283aad9d
Labels: TRT, Türkiye Awazi Radiosi