ئوباما، كارزائىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئافغانىستانغا 17 مىڭ زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىش ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىدى.
ئاقساراي ئۆز باياناتىدا، مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلەر سانىنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى قارارنامىنى بەش بۈرجەكلىك بىنا بىلەن بىرلىكتە چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارارنامىنىڭ ئارقىدىنلا يازما بايانات ئېلان قىلغان ئوباما، «ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى بۇ دۆلەتتىكى بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ جەرياندا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىد كارزائىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە ئافغانىستاندا 8 ـ ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دۆلەت رەئىسى سايلىمى ھەققىدە توختالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.