لىۋنى: ئىسرائىلىيە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر بۆلۈك زىمىنىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تىزىپى لىۋنى، ئىسرائىلىيىنىڭ دېموكراتىك ۋە يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىر بۆلۈك زىمىنىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، لىۋنى قۇددۇستا چاقىرىلغان ئامېرىكىلىق يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىردىنبىر دېموكراتىك دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى بىردىنبىر يەھۇدىي دۆلىتى بۇلۇش سۈپىتىدە، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
لىكۇد لىدىرى بېنيامىن نېتانياھۇمۇ يىغىندا، پەلەستىن ئىقتىسادىنىڭ، بىخەتەرلىكىنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋە پەلەستىنلىك مۆتىدىل گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
ھەر ئىككى لىدەر، 10 – فېۋرالدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدە ئۇتۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتگە رەھبەرلىك قىلىش مەسلىسىدە چىڭ تۇرماقتا.
مەنبە: http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=c0c93ab2-abaa-4237-bb6c-3df37161246c