شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنسىتىرلىرى يىغىنى
2009-02-18
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 26 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنسىتىرلىرى، ئەتە پولشانىڭ كراكوۋ شەھرىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاپرىل ئېيىدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن،
تۈركىيىگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەجدى گۆنۈل ئىشتىراك قىلىدىغان ۋە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ مۇداپىئە جەھەتتىن پىلانلىنىشى ، ھەر خىل ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە يادرو قۇراللىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
فرانسىيىنىڭ ستراسبورگ بىلەن گېرمانىيىنىڭ كەلىخ شەھەرلىرىدە . 3- . 4- ئاپرىلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، ` شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى` ئېلان قىلىنىدىكەن.
مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، مەزكۇر ئەھىدىنامە ئۈسىتىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىدىكەن.
مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق مەرتىۋىسىگە قايتىدىن ئەزا بولۇشى پىلانلانغان فرانسيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنىمۇ پولشادا چاقىرىلىدىغان غەيرى رەسىمىي يىغىندا مۇزاكىرە قىلىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، كافكاسىيىا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، موسكوۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە ئافغانسىتان مەسلىسى بىلەن بىرگە سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بۇلاڭ – تالاڭ قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈسىتىدە ئەتىراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
مەنبە: http://www.trt.net.tr/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=0cbfc273-4681-4877-bcec-818bbd2e5dfb