ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە تەۋە مەلۇم بىر قىسىم تۈنۈگۈن كەچتە، غەززەگە بېسىپ كىرگەن
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى، غەززەدىن ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا تاڭ سەھەردە، 4 دانە راكېتا بومبىسى ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىنلىكلەر ئاتقان راكېتا بومبىلىرى ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.
نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە تەۋە مەلۇم بىر قىسىم تۈنۈگۈن كەچتە، غەززەگە بېسىپ كىرگەن، نەتىجىدە توقۇنۇش كېلىپ چىققان، توقۇشتىن كېيىن ئىسرائىلىيە قىسىم چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=17c4b04d-0387-43e8-b1cb-78bc5124a26b