تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 19.02.2009
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىتلەر، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئىراققا قىلماقچى بولغان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
ساباھ گېزىتى، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ راھەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلگەن باغدات زىيارىتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىقلارنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى، ھەمدە بۇ خىزمەتلەر دائىرىسىدە تۈركىيىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى مۇرات ئۆزچەلىكنىڭ ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئىراق جۇمھۇر رەئىسى جەلال تالابانىنىڭ، تۈنۈگۈن ئۇچراشقان تۈركىيىنىڭ ئىراق ئالاھىدە ۋەكىلى مۇرات ئۆزچەلىك ئارقىلىق تۈركىيىگە سىگىنال بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، تالابانىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىراقنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر ئىكەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئىستىراتىگىيلىك ئوراقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى، ھەمدە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK ۋە ھەر قانداق بىر تەشكىلاتنىڭ بۇزالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
مىللىيەت گېزىتى، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا پرېزدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفۇن سۆھبىتىدە ئاتالمىش 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنىي دەۋالىرى مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
گېزىت، ئەردوغاننىڭ بۇ سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتىگىيلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
گېزىت بۇنىڭدىن باشقا، باراك ئوبامانىڭ دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفۇن سۆھبىتىدە ئافغانىستاندىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىتتە يەنە، ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا 17 مىڭ زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سىتار گېزىتىمۇ، ئافغانىستاندا بىخەتەرلىك ئەھۋاللىرىنىڭ ناچارلىشىشى تۈپەيلىدىن پرېزدېنت ئوبامانىڭ زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى دەرھال تەسىتلىغانلىقىىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى ۋە خەۋەرنى «ئافغانىستانغا جىددى ئەسكەر ئەۋەتىش» ماۋزۇسىدا ئانالىز ئېلىپ باردى.
ۋەتەن گېزىتى، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىرۋاتىستان (كرۇدىيە) باش مىنىستىرى ئىۋو سانادېر بىلەن ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، ھىرۋاتىستان (كرۇدىيە) باش مىنىستىرىنىڭ ئەردوغانغا ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى جەريانىدا تۈركىيىنىڭ قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زامان گېزىتى، دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەننىڭ نۇرغۇن ساندىكى كارخانىچىلار بىلەن سۈرىيىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى نەتىجىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گېزىت، سۈرىيىنىڭ تۈركىيە يۈك ئاپتۇمۇبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان 250 دوللار باجنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئاخشام گېزىتى، ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 150 نەپەر ئىنژىنىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن لايىھە ئارقىلىق ياسالغان تۇنجى تىكئۇچارلارنىڭ ، كېلەر يىلى سىناق ئۇچۇشلارنى باشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
گېزىت «ئارىكوپتېر» دەپ، نام بېرىلگەن تىكئۇچارنىڭ تاق موتۇرلۇق ۋە تاق لىيۇتچىكلىق بولۇپ بەش كىشىلىك ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار تىكئۇچارلارغا ئوخشاش ئاۋازسىز ئۇچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ساباھ گېزىتى، تۈركىيىنىڭ داڭلىق پۇتبۇل كوماندىلىرىدىن بىرى بولغان گالاتا ساراي پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ فرانسىينىڭ بوردوئوكىس كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدە نۆلگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ ياۋرۇپا فېدىراتىسىيسى پۇتبۇل لوڭقىسىنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقسىدا تۆتىنچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=c045c225-6e6f-4e18-b33f-a2e4a05ca93d