ئىسرائىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
2009- يىلى 10- فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن تىنچلىق ئەھدىنامىسىنى خەتەرلىك باسقۇچقا ئېلىپ كىردى. ئىسرائىلىيىلىكلەر ئادەتتە دىندار، ئادەتتىن تاشقىرى ئوڭچىل ۋە مىللەتچى پارتىيىلەرگە ئاۋاز بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ سايلامدىمۇ دەل شۇنداق بولدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك، غەززە - پەلەستىن خەلقى تەرىپىدىن سايلانغان ھاماس، رادىكال بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئېتىبارغا ئالماي، يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيىدىمۇ ھاماس تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان مەسىلىلەرگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان سايلامنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! تۆۋەندە ھەيدەر چاقماقنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز….
تىنچلىقنى ياقلىغۇچىلار بىلەن غەرب ئەللىرى يېقىندا ئىسرائىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۈستۈنلۈك قازانغان رادىكال ئوڭچىل پارتىيىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى رەت قىلىدىغان، قۇددۇسنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىدارە قىلىشىنى قۇبۇل قىلمايدىغان، 1967- يىلقى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چېگرالىرىغا قايتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قۇبۇل قىلمايدىغان، گولان ئېگىزلىكىنى سۈرىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىمايدىغان سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋالىدىغان بولسا (مۇشۇنداق بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن) تىنچلىقنى ياقلىغۇچىلار تىنچلىق ئۈمىدىنى بۇ قېتىم تامامەن يوقىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سايلامنىڭ نەتىجىسىگە باغلاشقا مەجبۇر، دېگەن گەپ. بۇ خىل ئەھۋالدا يېڭى شارائىتلار ھازىرلانغىچە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرىمۇ ناھايىتى زور سىناققا دۈچ كېلىدۇ. چۈنكى، غەربلىكلەر پەلەستىن ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيىگە يول ئېچىپ بەرگەن، ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسرائىلىيىنى تىنچلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر قىلىش ھەققىدە كۈچ چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى، سايلامنىڭ نەتىجىسى غەربلىكلەرنىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىۋنى رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا ئوڭچىل قادىما پارتىيىسى پارلامېنتتىن 29 ئورۇننى، بېنيامىن نېتېنياھو رەھبەرلىكىدىكى مىللەتچى پارتىيە لىكۇد 28 ئورۇننى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىيلار پارتىيىسى، دەپ تونۇلغان ئاۋىگدور لىېبېرمان رەھبەرلىكىدىكى رادىكال ئوڭچىل «ئىسرائىلىيە بىزنىڭ ئائىلىمىز» پارتىيىسى 15 ئورۇننى، سولچىل «ئىشچى پارتىيىسى» 13 ۋە رادىكال دىندار پارتىيە شاس پارتىيىسى بولسا 11 ئورۇننى ئىگىلىگەن.
پارلامېنتتا ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان 12 پارتىيە ئىچىدىكى باشقا يەتتە پارتىيىمۇ 5 بىلەن 3 ئورۇننى ئىگىلىگەن.
ئوڭچىل ۋە رادىكال ئوڭچىل پارتىيىلەر ئۇتۇپ چىققان بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىسى تىنچلىقپەرۋەر زاتلار بىلەن مۇرەسسەلەشتۇرگۈچى كۈچلەرنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىسرائىلىيىنىڭ ھازىرقى سايلام قانۇنى 2% ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەڭ كىچىك پارتىيىلەرنىمۇ پارلامېنت ئەزاسى چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ساندىكى سىياسىي پارتىيىلەر سايلامغا كىرىش ئارقىلىق چېچىلاڭغۇلۇقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولماقتا. ئىسرائىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 قېتىملىق ئومۇمىي سايلامدىن يەتتىسى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈپ قالغان. بۇ قېتىممۇ ئەھۋال دەل شۇنداقتەك قىلىدۇ. ئىسرائىلىيگە نىسبەتەن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە پەقەت پەلەستىندە تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە كىچىك ۋە تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 7 % نى تەشكىل قىلىدىغان ئىشسىزلار قوشۇنى مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىشى كېرەك. يەتتە مىليون نوپۇسى بار ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ بىر يېرىم مىليوندىن كۆپرەكىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاساسەن تولىمۇ كەمبەغەللىك ئىچىدە ياشىماقتا. ھەر خىل دۆلەتلەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە سەۋىيىسىگە ئىگە يەھۇدىيلاردىن تەشكىل تاپقان ئىسرائىلىيىلىكلەر ئوتتۇرىسىدا زور دەرىجىدە ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىمتىيازدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مەسىلىلىرى مەۋجۇتتۇر. ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ 25 % ى ئەرەبلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئەرەبلەرنىڭ نوپۇسى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسىدىن يەتتە قات ئېشىپ بارماقتا. ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان تەقدىردە، ئەرەبلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكى، پەقەت ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەۋرىتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە سايلام ئارقىلىق ئەرەبلەرنىڭ ئىسرائىلىيىنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بىر خىل ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئىسرائىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى سايلامدىن ئۇتۇپ چىققان رادىكال مىللەتچىلەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالغان تەقدىردە، ئۇلار يۈرگۈزىدىغان رادىكال سىياسەتلەر نە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايدۇ، نە ھەممە ئۈمىد قىلىدىغان تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=4338ce79-6054-41ea-a0eb-fe3fb9f7cd60