ئابدۇللاھ گۈلنىڭ موسكوۋا زىيارىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، 12 - فېۋرالدىن 15 – فېۋرالغىچە رۇسىيىدە زىيارەتتە بولدى. مووسكوۋانى زىيارەت قىلغاندىن سىرت يەنە تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازاننىمۇ زىيارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتى، جۇمھۇر رەئىسلىك سۈپىتى بىلەن قازاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى بولغانلىقتىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر 12 بەتلىك بىر ئورتاق قوشما باياناتنى ئىمزالىدى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، 150 كىشىلىك سودا – سانائەتچى ۋە كۆپ ساندىكى مۇخبىرلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت ئۆمىگىنى باشلاپ رۇسىيىدە تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولدى. 12 – فېۋرالدا باشلانغان بۇ زىيارەت جەريانىدا جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل باشچىلىغىدىكى ھەيئەت ھەم موسكوۋا ھەم قازاننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ دۆلەت زىيارىتى سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان بۇ زىيارەت ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. گۈل، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت يەنە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەنمۇ ئۇچراشتى. رۇىسىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن گۈلگە كۆرسىتىلگەن ئالاھىدە ئىلتىپات، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېپ – يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ روشان نامايەندىسى، دەپ قارالماقتا.
بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ روشەن نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى 12 بەتلىك قوشما باياناتنى ئىمزالىدى. قوشما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىلىدىكەن. جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، قوشما بايانات ئارقىلىق تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى ئۈچۈن سىياسىي ئىرادىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئامىل سودا مۇناسىۋەتلىرىدۇر. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجمى 30 مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن. رۇسىيە، بۇلتۇر تۈركىيىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا شېرىكىگە ئايلاندى. تۈركىيىنىڭ غايىسى تىجارت ھەجمىنى 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. تۈركىيە، ھەمكارلىقنى چۆرىدىگەن ھالدا مال – مۈلۈك ۋە سەرمايىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ماقۇللانغان ۋە نەتىجىلىرى غۇلغۇلا قوزغايدىغان قاراردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تۈرك لىراسى بىلەن رۇبلە قوللىنىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، رۇسىيە تاموژنىلىرىدا تۈرك ماللىرىغا قارىتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قويۇلغان شەرتلەرنىڭ تۈرك تەرەپكىمۇ قويۇلۇشى توغرىلىق بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر، رۇسىيىدىكى تۈرك زاۋۇتلىرىغا رۇسىيە تەرىپىدىن كرېدىت بېرىلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سەرخىللاشتۇرۇلۇشى توغرىلىقمۇ بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىشتى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننى قوبۇل قىلغان ئۇچرىشىشتىمۇ 2 - كۆك ئېقىم لايىھىسى، سامسۇن – كافكاسيا پورتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيىسى ساھەسىدە ھەمكارلىق، ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلىق ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخىنىكىسى ساھەسىدە تۈركىيىگە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە تەرەپ ئاساسلىقى تاموژنا كرىزىسىنى تىلغا ئالغان، پۇتىنمۇ تاموژنا مەسىلىسىنىڭ ئاسانلا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىمۇ بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىدا يەنە، كافكاسيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىدا قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەرمەنىستان – ئەزەربەيجان مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ تېزراق ھەل قىلىنىشىنى خالايدۇ. بۇنىڭغا رۇسىيىمۇ ناھايىتى ئىجابىي قارايدۇ.»
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل قىلىندى. موسكوۋادا تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى، تۈركىيىدە رۇس مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئىجابىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق بولسا ھەر قايسى تەرەپلەر قىزغىن قارشى ئالغان تېما سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، موسكوۋادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازانغا يېتىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن، گۈل تاتارىستاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك جۇمھۇر رەئىسى بولدى. گۈل، قازان ئايرودورۇمىدا تاتارىستان جۇمھۇر رەئىسى مىنتىمېر شايمىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى. گۈل بىلەن شامىيېۋ كۆرۈشۈشتىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيىنىڭ تاتارىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيە – تاتارىستان سودا مۇنبىرى يىغىنىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ قاراپ چىقىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. تۈركىيە – تاتارىستان ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسىرى ئېشىۋاتقان تىجارەت ھەجمى ھەققىدىمۇ ئىزاھات بەرگگن گۈل، «2002 – يىلى پەقەت 17 مىليۇن دوللار بولغان تىجارەت ھەجمىنىڭ نۆۋەتتە 2.5 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. تۈرك ھۆددىگەرلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكىگە ئوخشاشلا تاتارىستاندىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈندۇق، شۇنداقلا ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدۇق. تۈرك سودا – سانائەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسى ئالىلىرىغا، جانابىي باش مىنىستىرغا ۋە ھەممىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى. جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيە بىلەن تاتارىستان ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=e29d3c94-a05a-4899-85d7-75b5d15917c5