ساركىسيان، تۈركىيە – ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر بايانات ئېلان قىلدى.
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى ردىئوسى خەۋىرى: ئەرمەنىستان جۇمھۇر رەئىسى سېرج ساركىسيان، يېقىنقى مەزگىللەردە مۇستەھكەملىنىۋاتقان تۈركىيە – ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر بايانات ئېلان قىلدى.
ساركىسيان، بۈيۈك ئەرمەنىستاننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن غەيرەت كۆرسىتىشنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
نوۋاستى ئەرمەنييە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساركىسيان، لورى شەھرىدە بەرگەن باياناتىدا: «مېنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىم، مېنىڭ يېڭى ۋەتىنىم» دەيدىغان كۈننى يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ھەم دۆلەتنىڭ كۈچىگە ھەم ئۆز ئىمكانىيىتىمگە تايىنىپ بۈيۈك ئەرمەنىستان قۇرۇش يولىدا غەيرەت كۆرسىتىشنى زىممەمگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچۇم دەپ قارايمەن.»
ئەرمەنىلەر، بۈيۈك ئەرمەنىستان دەپ، فىرات دەرياسىدىن ھازار دېڭىزىنىڭ ئۇرمىيە كۆلىگە قەدەر بولغان تېرروتېرىيىدە يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇشنى خام خىيال قىلىدۇ.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a76295ac-69cd-42c0-87ba-4dbbdf1216e1