تۈركىيىنىڭ كرىزىسكە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى كۈنتەرتىپتە
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي كىرىزىسكە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ لايىھىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلدى.
تەكلىپ لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى توققۇز ماددىسى قوبۇل قىلىندى.
تەكلىپ لايىھىسىنىڭ بىر تۈركۈم قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
تەكلىپ لايىھىسىگە بىنائەن، قىسقا مۇددەت توختاملىق خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ مائاشى 50 پىرسەنت ئاشۇرۇلۇپ، پايدىلىنىش مۇددىتىمۇ 3 ئايدىن 6 ئايغا چىقىرىلىدۇ.
تەكلىپ لايىھىسىگە ئاساسەن، رىغبەتلەندۈرىلىشى كېرەكلىك ھەرقايسى ۋىلايەت، ھەرقايسى ساھەلەر ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش، ئەمگەك كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بەلگىلەش ھوقۇقى مىنىستىرلار كابىنتېغا تاپشۇرۇلىدۇ.
ئىنتېرنىتتىن ئېلىنىدىغان خۇسۇسىي ئالاقە بېجى 15% پىرسەنتتىن 5% پىرسەنتكە چۈشۈرۈلىدۇ. 1979 ـ يىللىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كونا مودېللىق ئاپتوموبىللاردىن 2010 ـ يىلى 6 ـ ئايغا قەدەر ئىشتىن قالدۇرىلىدىغانلىرىنىڭ باج ھەم جازالىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=e15e9e4d-0d8c-4a6b-aa1b-91fad6463408