تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىدىن
2009-02-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەر دىققىتىگە
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قارمىقىدا 2008- يىلى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى بارلىق ئىخلاسمەنلىرىگە چوڭقۇر سالام يوللايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىنتېرنت سەھىپىسى ئىشقا كىرىشكەندىن بويان، تۈركىيە ۋە دۇنيا خەۋەرلىرىنى 7 كۈن، 24 سائەت بويىچە ئارىلىقسىز ھالدا ئۇيغۇر ئىخلاسمەنلىرىگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىخلاسمەنلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئىنتېرنت سەھىپىمىز www.trtuyghur.com www.trtuyghur.net ، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قارمىقىدىكى 30 خىل تىل ئىچىدە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بىرىنچىلىكنى بىزگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىخلاسمەنلىرىمىزنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بەخش ئەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان بىر مەسىلىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز: تور بېتىمىز، ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى (AA)، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP)، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AP)، رويتېرس، گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (DPA)، ئىتارتاس ئاگېنتلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى.... قاتارلىق كۆپلىگەن ئاگېنتلىقلارنىڭ مۇشتەرىسى بولۇپ، خەۋەرلەرنى توغرا، بىتەرەپ ۋە مۇلاھىزىلەردىن يىراق ھالدا ئىخلاسمەنلىرىگە يەتكۈزۈشنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، تور بېتىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قايسى تور بەتلەر يۆتكەپ بېرىۋاتىدۇ. ماددىي مەنپەئەت كۆزلىمىگەن ئاساستا خەۋەرلىرىمىز باشقا بەتلەرگە يۆتكەپ بېرىلسە، مەنبەسى ئەسكەرتىلسە، بىز بۇنىڭدىن خوشاللىق ھېس قىلىمىز. لېكىن، (مۇتلەق كۆپ ساندىكى تور بەتلەردە) خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ كۆرسىتىلمەسلىكى، كۆرسىتىلگەندىمۇ باشقا جايلارنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىش بىزنى راھەتسىز قىلماقتا. بىز بىر قانچىلىغان تور بەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق. لېكىن، ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. شۇڭا بۇ قېتىم تور بېتىمىز ئارقىلىق بۇ قايتا ئاگاھلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈق. خەۋەرلىرىمىزنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئالغاندا نەشىر ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشىڭلارنى ۋە تۆۋەندىكى ئەسكەرتىشلەرنى ئېتىبارغا ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز:
بىرىنچى: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دېگەن جۈملىنى چىقىرىۋەتمەسلىكىڭلارنى، ئىككىنچى: ئانالىز ياكى خەۋەر ئاخىرلاشقان جايغا، خەۋەرنى ئالغان مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىشىڭلارنى (مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى) ئۈمىد قىلىمىز.
پىكىر - تەكلىپلىرىڭلارنى، مۇسابىقە سوئاللىرىمىزغا يوللايدىغان جاۋابلىرىڭلارنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن قارشى ئالىمىز :
uygur@trt.net.tr
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ھۆرمەت بىلەن: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى
http://www.trt.net.tr/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=09a76440-5e0c-45e8-b307-609ec3bd63fb