ماناس ھەربى ئايرودرومى تاقىلىش باسقۇچىغا كىردى
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ماناستىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىش ھەققىدىكى قارارى، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قورمانبېك باقىيىۋ تەرىپىدىنمۇ تەستىقلاندى.
پرېزىدېنت باقىيېۋنىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھازىرلىغان ماناس بازىسى ئۈچۈن ئىجارە كېلىشىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدىغان پارلامېنت قارارىنى تەستىقلىشى بىلەن، بازىنىڭ تاقىۋېتىلىش جەريانى رەسمىي باشلانغان بولدى.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 180 كۈن ئىچىدە ھەربى بازىنى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن ھەققىدە بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانسىنى بۈگۈن خەۋەر قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
قىرغىزىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپى، ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان گوللاندىيە، كانادا، يېڭى زىللاندىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئاۋىسترالىيە، ئىتالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭمۇ ئىناۋەتسىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، 2001- يىلى ئافغانىستاننى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تەييارلىغان ماناس ھەربىي بازىسىنى ھەر ئاي ئافغانىستانغا 15 مىڭ ئەسكەرنىڭ كىرىپ چىقىشى ۋە 500 توننا ھەر خىل لازىمەتلىكلەرنىڭ يۆتكىلىشىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىش قارارىنى ماقۇللىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بازىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ھېلىھەم مۇزاكىرىلىشىش مۇمكىنچىلىقىنى بار، دەپ ئويلاۋاتقانلىقلىرىنى، بازا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل تۈلەشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a2739c8d-8a33-4d76-8b1e-8f73365b1c8a