دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسى زىيارىتى
2009-02-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسى زىيارىتى
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ دۆلەت رەئىسى دىمىترى مېدمېدېۋنىڭ دەۋىتىگە بىنائەن 2009 ـ يىلى 12 ـ فېۋرالدىن 15 ـ فېۋرالغىچە رۇسىيىدە ”دۆلەت دەرىجىلىك“ زىيارەتتە بولدى. رۇسىيىنىڭ قائىدىسىگە بىنائەن ”دۆلەت دەرىجىلىك زىيارەت“ رەسمىي زىيارەتتىن ئۈستۈن ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك سانىلىدىغان زىيارەت بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رۇسىيىدە دۆلەت دەرىجىلىك زىيارەتتە بولغانلىقى ئىدى. ھەر يىلى پەقەت بىرلا قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك زىيارەت ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان رۇسىيىدە، بۇ قېتىمقىسى ئۈچۈن تۈركىيە ئالاھىدە دەۋەت قىلىندى.
زىيارەت، تۈركىيىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىي جەھەتتىن قېرىندىشى بولغان تاتارىستان جۈمھۇرىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە تاتارىستاندا تۇنجى قېتىم تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى دەرىجىلىك ئالى رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەتتە بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
زىيارەتتە دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى مېدمېدېۋ بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئۇچرىشىشلاردا بولدى. ئۇچرىشىشلار جەريانىدا رۇسىيە بىلەن ئۆز ـ ئارا مۇناسىۋەتلەردە ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدە كۈچلەندۈرۈلگەن ھەمكارلىقلاردا مۇھىم ئىلگىرلەشلەرنىڭ بولغانلىقى قەيت قىلىندى. ھەمدە ئۆزئارا چۈشىنىش، ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلدۈرۇلۇشى جەھەتتىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكى نامايان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن يېڭى ۋە مۇھىم بولغان رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ ئىلگىرىلىشى، ئۆزئارا دوستلۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسىدىكى باسقۇچلارغا ئالاقىدار پىلان ـ لايىھىلەردىن تەشكىل تاپقان ئورتاق ھەمكارلىق باياننامىسى ئىمزالاندى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، زىيارەت جەريانىدا رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشتى ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولدى. گۈل، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىرانوۋ ۋە رۇسىيە دۇماسى باشلىقى گىرىزلوۋ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈلۈشى شۇنداقلا دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولدى.
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۇچرىشىشلىرى ۋە زىيارىتى جەريانىدا مەدەنىيەت، ئىقتىساد، مائارىپ ساھەلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل ۋە كەڭ ـ كۆلەملىك پائالىيەتلەر، رۇسىيە بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئالاھىدە يەر ئالدى.
زىيارەتكە تۈرك كارخانىچىلىرىمۇ قاتناشتى. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا ـ ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈنۈمگە ئىگە ”سودا ـ سانائەتچىلەر يېغىنى“ ئېلىپ بېرىلدى.
گۈل موسكۋادىكى زىيارىتىدىن كېيىن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. تۈرك كارخانچىلىرىنىڭ تاتارىستانغا سالغان مەبلەغلىرى قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشى ۋە بۇلارغا يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭمۇ قېتىلىشى ھەققىدە ئىنتايىن پايدىلىق سۆھبەت يىغىنلىرى ئېلىپ بېرىلىدى.
تۈركىيىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن 2002 ـ يىلىنىڭ ئاخىرلىرى 17 مىليون دوللار بولغان تىجارەت ئومۇمىي سوممىسى، 2008 ـ يىلدا ئىككى يېرىم مىليارد دوللارغا چىقىرىلغان ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل يەنە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ جۈملىدىن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان قازان ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ زىيارەتتە بولدى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە قىلغان زىيارىتى، ئىنتايىن چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا كۈتۈشكەن ئۈمىدلىرى ۋە كەلگۈسى نىشانلىرىنىڭ توغرا ھەم ئەتراپلىق بىر شەكىلدە ئانالىز قىلىنىشى جەھەتتىن، ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىش جەھەتتىن ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق ىر زىيارەت بولدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئورتاق ھەمكارلىق باياننامىسىدىمۇ «مۇناسۋەتلەر يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ ئىلگىرلىشى، دوستلۇق ۋە كەڭ ـ كۆلەملىك ھەمكارلىقلار تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇلىشى لازىم» دەپ ئىپادىلەنگەن نىشاننىڭ دەل ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە قارىتىلغانلىقىمۇ ئۆزىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
http://www.trt.net.tr/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=29319501-cd02-4553-9490-c629976108c3