شەرقىي ئافرىقىدىكى دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: سومالى، شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىنتايىن نامرات ۋە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بىر دۆلەتتۇر. سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى ئىلىگىرىكى دەۋىرىدىن قېلىپ قالغان ۋە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن دېڭىز قاراقچىلىق ئەنئەنىسىنى قايتىدىن خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. ئەدەن قولتۇقى، ئەرەب دېڭىزى ۋە سومالى دېڭىز تەۋەلىكى قاتارلىق جايلاردا ھازىرغىچە 500 گە يېقىن قاراقچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دېڭىز قاراقچىلىرى 15 پاراخوت ۋە 300 گە يېقىن پاراخوت خىزمەتچى خادىمىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، قانچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى پىدىيە ئالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دېڭىزچىلىق شىركەتلىرى ئېنىق بىر پىدىيە مىقدارى ئاشكارا قىلمىغانلىقىلىرى ئۈچۈن پىدىيە مىقدراى جەھەتتە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش تولىمۇ قىيىن.
سومالى 1991 – يىلدىن بېرى ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىقىدا ياشىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارىتى ئاستىدىكى خەلقئارا مۇداخىلە قىلىش قىسملىرى سومالىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، سومالىدا بەزىدە توقۇنۇشلار پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىچكى مۇقۇمسىزلىق ۋە ھاكىميەتسىزلىك داۋام قىلماقتا. سومالى خەلقنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ناھايىتى نامرات بولۇپ، كىشى بېشىغا چۈشكەن يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 600 ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران 24 پىرسەنتى ساۋاتلىق. تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان يەر مەيدانى پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ ئاران 2 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، سومالىدا دېڭىز قاراقچىلىقى نامرات خەلقنىڭ ئاساسىلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغان.
سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە 2008- يىلى دېكابىر ۋە 2009- يىلى يانۋار ئايلىرىدا ئۈچ دانە تۈرك پاراخوتى ۋە 37 تۈرك پاراخوت خىزمەتچى خادىمى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ، نەتىجىدە بۇلارنىڭ بەدىلىگە دېڭىز قاراقچىلىرىغا سوممىسى نامەلۇم بىراق قانچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا پىدىيە تۆلەپ بېرىلگەن. 21- ئەسىردىكى پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دەۋردىمۇ ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىماي، بىشەملەرچە ئېلىپ بارغان زورلۇق – زومبۇلۇقلىرى ئالدىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ 1816،1838، 1844، 1846 ۋە 1851 - نۇمۇرلۇق جەمئىي بەش دانە قارارنامە ماقۇللىدى.
ب.د .ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن 2008- يىلى 2- دېكابىردا ماقۇللانغان 1846 - نۇمۇرلۇق قارارنىڭ 10 – ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، سومالى ۋاقتىلىق فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بىرىش ئۈچۈن 2009- يىلى 2 – دېكابىرغىچە دېڭىز قاراقچىلىرىغا بىر يىللىق زەربە بېرىش ۋاقتى بېرىلدى. 2008- يىلى 16- دېكابىردا ماقۇللانغان 1861- نۇمۇرلۇق قارارنامە دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە جەمئىي 24 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ` ئالاقە گۇرۇپپىسى` تەشكىللەندى.
`ئالاقە گۇرۇپپىسى`نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 2009- يىلى 13 ۋە 14- دېكابىر كۈنلىرىدە نىيو- يوركتا چاقىرىلدى. `ئالاقە گۇرۇپپىسى` نى ب.د .ت، خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئافىرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارلىق تەشكىلاتلار نازارەت قىلىدۇ.
تۈركىيە پارلامىنتى، 2009- يىلى 11- فېۋرالدا، ھەم تۈركيىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ھەمدە خەلقئارا مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەت سىرتىغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە مۇناسىۋەتلىك 92-ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكلىپ بېرىلگەن ئىجازەتنامىنى قوبۇل قىلدى. مەزكۇر ئىجازەتنامىدە، تۈرك دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ئەدەن قولتۇقى، سومالى دېڭىز تەۋەلىكى، ئەرەب دېڭىزى قاتارلىق رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بىر يىللىق ھوقۇق بېرىلدى، دەپ بېكىتىلدى.
قالايمىقانلىچىلىق ئەۋج ئالغان رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتىمەكچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق قسىملىرى، سودا پاراخوتلىرىنى قوغدايدۇ، پارخوتلارغا ھۇجۇم قىلغان ياكى بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان دېڭىز قاراقچىلىرىنى قولغا چۈشۈرىدۇ، سوراققا تارتىدۇ، دەلىل – ئىسپات توپلايدۇ ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قاتناش ۋاستىلىرىغا ئارلىشىدۇ ھەتتا مۇسادىر قىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇ قانۇنىي ئىجرائاتلار 1988-يىلدا ئىمزالانغان دېڭىزغا ئەركىن سەير قىلىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان قانۇنىسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر كېلىشمنىڭ دائىرىسى بىلەن خەلقئارا قانۇنىي جەھەتتىن كۈچكە ئىگە قانۇنلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەقتە ئىمزالانغان خەلقئارالىق كېلىشىمنامىلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامىلەردۇر. خەلقئارالىق قانۇن ۋە دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەسىلە تۇغدۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، قولغا چۈشكەن دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قايسى دۆلەتتە، قايسى خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلىنىدىغانلىقى ۋە قايسى دۆلەتتە قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىدۇر.
تۈرك ئارميىسى بۇ يېڭى ئىجازەتنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ قېتىم دۆلەت سىرتىدا 23 - قېتىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بۇ قېىتمقى يېڭى ۋەزىپە پەقەت تەجرىبە ۋە تۈرك پاراخوتلرىنى قوغداش جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە خېيىم – خەتەرگە دۇچ كىلىش ۋە ۋەزىپە ئۆتەش نۇقتىسىدىنمۇ ئىناتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=6c0432d9-6fa9-46b9-87ce-27a7196476a4