تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 20.02.2009
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئاخشام گېزىتى، ياۋرۇپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىشلەش ئۈچۈن ياۋروپاغا بارىدىغان تۈركلەردىن ۋىزا تەلەپ قىلىنىدىغان ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، 2007-يىلى بىر يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بېرلىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغانلىقى، گېرمانىيە سوتىنىڭ بولسا بۇ مەسىلە ھەققىدە ياۋرۇپا ئەدلىيە مەھكىمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ياۋرۇپا ئەدلىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن گېرمانىيە سوت مەھكىمىسىگە بىلدۈرۈلگەن قاراردا، تۈركىيە بىلەن ياۋرۇپا ئوتتۇرىسىدا 1970-يىلى ئىمزالانغان قوشۇمچە ھۆججەتتە ۋىزا تەلىپىنىڭ يوقلىقى ئەسكەرتىلىپ «تۈركىيىدە قۇرۇلغان شىركەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان تۈركلەرگە خىزمەت قولايلىقى ئۈچۈن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدۇ» دېيىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
زامان گېزىتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋرۇپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە كومىتېت قانۇنشۇناسلىرىنىڭ قارارنىڭ تەپسىلاتىنى ئايرىم تەتقىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە، بەزى ياۋرۇپا قانۇنشۇناسلىرى مەزكۇر قارارنىڭ تۈركىيىگە مۇھىم كوزىر دەپ، قارايدىغانلىقى، لىيۇكسىمبۇرگدىكى ياۋرۇپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ بولسا، قارارنىڭ پەقەت گېرمانىيە بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىپادە قىلىندى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈركىيە مەركەز بانكىسى پۇل قىممىتىنى بەلگىلەش كېڭىشىنىڭ بىر كۈنلۈك ئۆسۈم نىسبىتىنى 1.5 پىرسەنت چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 11.5 پىرسەنت بولغانلىقى، ھەمدە بۇ نۇقتىنىڭ ئارزۇ قىلىنغاندىنمۇ تۆۋەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە، مەركەز بانكىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاخىرقى مەزگىللەردە ئۇقتۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، باياناتتا «خەلقئارا كرىدىت بازارلىرىدىكى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەر داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكى، ھەمدە پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتا بېسىمنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋەتەن گېزىتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى دومىنىكو سترائۇس كاھىننىڭ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، يېقىن بىر مەزگىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە، ئىسلاندىيە، ۋېنگرىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى قەرز ئېلىش ئۈچۈن پۇل فوندى تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن كاھىننىڭ كرىزىسنىڭ ئالدىمىزدا يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىل ئىچىدە يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەرز تەلەپ قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
رادىكال گېزىتى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ باغدات زىيارىتى ئەسناسىدا ئاياق ئاتقان ئىراقلىق مۇخبىر مۇنتازار ئەل زەيدىنىڭ، قىلغان ھەرىكىتىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
داۋامى
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=bde25040-8e01-4ec1-abfa-53b640f6e0e7