تۈركىيە، زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىشتە مۇھىم قەدەملەرنى باستى
2009-02-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كونترول قىلىش ئورگىنىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا تۈركىيە، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە مەدھىيىلەر ئوقۇلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى.
دوكلاتتا؛ تۈركىيىنىڭ خوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقلىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە جاۋاب ئالالمىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارغىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.
تۈركىيىنىڭ بولۇپمۇ بىر قېتىمدا 12 توننا ئانھىدرىت ماددىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.
دوكلاتتا يەنە، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كېلىشىمنامىلەر سايىسىدا مۇھىم قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقى، لېكىن ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=2f090355-1e13-47c4-9320-b2eacb2b1a3e