ئاتاقلىق كارخانىچى جورج سوروس: دۇنيا مىقىياسىدا ئىقىتىساد ھازىرچە پۈتۈنلەي ۋەيران بولمايدۇ
2009-02-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۇنياغا مەشھۇر پۇل – مۇئامىلە دەللىلى ۋە ئاتاقلىق كارخانىچى جورج سوروس، پۈتكۈل دۇنيا مىقىياسىدا ئىقىتىسادنىڭ ھازىرچە پۈتۈنلەي ۋەيران بولمىغانلىقىنى ئىلىگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، جورج سوروس كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيا پۇل – مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچىرىغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ ھازىرچە پۈتۈنلەي ۋايران بولۇش باسقۇچىغا كىرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سوروس، نۆۋەتتىكى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ 1929- يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن تېخىمۇ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى، `يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچىرىغانلىقىغا شاھىت بولدۇق، بىراق ھازىرچە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرەر ئىشارەت يوق.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=008c27c4-5edd-4f8c-976d-8b178fd9a6ba