تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 21.02.2009
2009-02-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
ۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدىكى ھەر قايسى گېزىتلەر، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ تۈگۈنۈن باشلانغان ئافرىقا زىيارىتى بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر خەۋەلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
ساباھ گېزىتى، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ، ` تۈركىيىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېىتىش سىياسىتى،` دائىرىسىدە، كېنىيە جۇمھۇر رەئىسى مۋاي كىباكىنىڭ رەسمىي مېھمىنى سۈپىتىدە نەيروبىغا يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ 3 كۈنلۈك كېنيە زىيارىتىدىن كېيىن، تانزانىيىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىللىيەت گېزىتى، كېنيىدە ئىككى جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈشى ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، تۈركىيە ۋە كېنيە ئوتتۇرىسىدا، ئاۋىئاتسىيە ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە رەسمىي پاسىپورتلارنىڭ ۋىزىسىز بولۇشى قاتارلىقلارغا دائىر كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ۋەتەن گېزىتى، تۈركىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا بېكىتىلگەنلىكىنى ۋە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئاساسەن قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.
گېزىت مەزكۇر خەۋەرنى، ` گۈلدىن ئافرىقىغا رەھمەت زىيارىتى` سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئىزاھلىدى.
ساباھ گېزىتى، ئىسرائىلىيە قوراللىق قسىملىرى باش قوماندانى گابى ئاشكېنازنىڭ، تۈركىيىنىڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئايى مىزراھىنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئالدى بىلەن تېلېفوندا، كېيىن رەسمىي يوسۇندا بىر پارچە خەت يېزىپ، تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق شتابىغا بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر خەۋەرنى، ` ئىسرائىلىيە تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق شتابىدىن كەچۇرۇم سورىدى` سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئىزاھلىغان گېزىت، ئاشكېنازنىڭ 16- فېۋرالدا تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق شتابى شتاب باشلىقى گېنېرال ئىلگەر باشبۇغقا تېلېفون قىلىغانلىقىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ باياناتلىرىنىڭ شەخسى كۆز قاراشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىردىن ئۆزىنىڭمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە تېگىشلىك چارە قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، گېنېرال باشبۇغنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ بەرگەن ئىزاھاتىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئىسرائىلىيە دائىرلىرىگە بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئىسرئىلىيىلىك قومانداننىڭ رەسمىي يوسۇندا بىر پارچە خەت يېزىپ، تېگىشلىك چارىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
يېڭى شەپەق گېزىتىمۇ مەزكۇر خەۋەرنى` كەچۇرۇم سوراش خېتى` سەرلەۋھىسىدە خەۋەر قىلدى.
مىللىيەت گېزىتى، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى گابى لېۋنىنىڭ، ئىسرائىلىيىگە نوتا تاپشۇرغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى تېگىشلىك بولغان ئىزاھاتنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى،
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئېغىر زەربىگە دۈچ كەلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ ئىچكى قىسمىدا قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېزىت، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھافتانىن رايونىدا، تېرورستلار ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا، 17نەپەر تېرورستنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئەدلىيە مىنىستىرى مەھمەت ئەلى شاھىننىڭ، گېرمانىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ` ئالدامچىلىق ` ۋەقەسىدىن بىرى بولغان دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالنىڭ، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
گېزىت، شاھىننىڭ مەزكۇر ماتىرىيالنىڭ تۈركىيىگە كىچىكىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە گېرمانىيىگە ئۈچ قېتىم رەسمىي يوسۇندا خەت يېزىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
رادىكال گېزىتى، ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ، ئىشلەش ئۈچۈن ياۋروپاغا بارىدىغان تۈركلەردىن ۋىزا تەلەپ قىلىنماسىلىقىغا دائىر قارار لايىھىسىنىڭ، ياۋروپدا ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېزىت، مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ، تۇنجى باسقۇچتا تۈرك پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپانى ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن ` ۋىزا ئېلىشقا كېرەك قالمىدى `دېگەننى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بىرى بولغان يىزا – ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باشلىقى جان ئاقىن چاغلارنىڭ، نىيۇ- يوركتىكى تۈركىيە ييزا – ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تارماقلىرىنىڭ، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى FED بىلەن پېرېۋوت ئالماشتۇرالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېزىت، تۈركىيە يېزا- ئىگىلىك بانكىسىنىڭ يېقىندا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئاتىنا تارماق بانكىسىدىن، تۈركىيىدە پىنسىيىگە چىققان رۇملۇقلارنىڭ مائاشىنى ئالالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ساباھ گېزىتىمۇ مەزكۇر خەۋەرنى، ` تۈركىيە يېزا- ئىگىلىك بانكىسى ئا. ق. ش بىلەن پېرېۋوت ئالماشتۇرشقا تەييار` سەرلەۋھىسى ئاسىتىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
زامان گېزىتى، تۈرك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىدە مۇشۇ يىلى 27- مايدىن 10 – ئيۇنغىچە بولغان ئارلىقتا 7 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ، ماھىرلارنى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېزىت، بۇ يىل 115 دۆلەت ئىشتىراك قىلىدىغان تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ، 10 شەھەردە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىدىلغان ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئەنقەردە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېىنتى باراك ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتىدە كانادانىڭ پايتەختى ئوتتوۋادا، بىر تۈركنىڭ دۇككىنىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، ئوبامانىڭ ئوتتوۋادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئوتتوۋانىڭ ئەڭ قايناق بازارلىرىدىن بىرىگە بېرىپ، سوۋغات بۇيۇملىرى ساتىدىغان ئادنان ئۈستۈن ئىسىملىك بىر تۈركنىڭ دۇككىنىدىن قىزىغا بىر ئاچقۇچلىق سېتىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=5a3a4812-95e9-427e-b7ad-ea9d87103b9c